ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى قورال سودىسى قايتىدىن باشلاندى

بېيجىڭ ئولىمپىكى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال سودىسى قايتىدىن باشلاندى. روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋېلىش پىلانى، ئۆتكەن بىر مەزگىل ئىچىدە ۋاقتىنچە توڭلىتىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.27

 تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجيۇ تەختكە چىقىپ، خىتاي - تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا يېقىنلىق كۆپىيىشكە باشلىغاندىن كېيىنمۇ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتى پەسەيمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش ھازىر يەنە قايتىدىن باشلاندى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مۇشۇ ھەپتىدە تەيۋەنگە دېڭىز يۈزىدىكى ھەربىي پاراخوتلارنى پاچاقلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان خارپۇن بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 60 نى سېتىپ بېرىدۇ. تەيۋەن قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەيۋەنگە يەنە سۇ ئاستى پاراخوتلارغا تاقابىل تۇرىدىغان P - 3C بەلگىلىك ئايروپىلان، F - 16C/ D بەلگىلىك ھۇجۇمچى ئايروپىلان ۋە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان GPS سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1949‏ - يىلى جاڭكەيشى بىلەن ماۋزېدوڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا تەيۋەن خىتايدىن ئايرىلىپ چىققان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.