ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس خىتايدا زىيارەتتە بولدى


2005.01.11

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس، سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىۋانسنىڭ بۇ قېتىم خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى خىتاي تەرەپ بىلەن، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان سودىدا ئادىل بولماسلىق قىلمىشلىرى ، بازارغا كىرگەن ماللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەمدە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئىۋانس خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

رويىتىرىس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى ئىۋانسنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتى ھارپىسىدا، بېيجىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر كوچىلىرىدىن شىشۇي كوچىسىدىكى چوڭ بازاردا ساختا ماركىلىق ماللارنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.