ئامېرىكا -خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدىكى سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇردى
2005.02.01
سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا -خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بېيجىڭدە ئۆتكۈزگەن ئىككى كۈنلۈك سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەن مەسىلىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولۇپ، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ۋەكىللىرىگە، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي تەرەپ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989 -يىلى خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىغان.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەقسىدى، ئامېرىكا ۋە خىتاي تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، 2001 -يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر رازۋىتكا ئايرۇپلانى بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇشچى ئايرۇپلانى بىر -بىرىگە سوقۇلغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى توڭلىتىلغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى بىر ھەربىي خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: " بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى رامىسفېلد، خىتايدا زىيارەتتە بولىشى مۇمكىن " دىگەن.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بارلىق يەرلىك سەھىيە ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مېننگىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى جىددى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مىنىنگىت، چوڭ مىڭە پەردىسى ۋە ئۇمۇرتقا سۈيىنىڭ ياللۇقلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان، باكتىرىيە ۋە ياكى مىكروپ زەھەرلىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن باش ئاغرىش، قۇسۇش ۋە بوينى قېتىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدە توسالغۇلۇق رول ئوينايدىكەن
- كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينى يەنىلا تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي، خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" نى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىدا ئاگاھلاندۇردى