رايىس، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە "مۇرەككەپ ئامىللار" نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى


2005.06.06

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشى ۋە مالىيە- سودا سىياسەتلىرىگە ئەندىشە بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كوندىلىزا رايىس ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسەن ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە "مۇرەككەپ ئامىللار" نىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ، خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە " تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش" تە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاتتىق بىر پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىدىلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىلد،خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلىققا تەھدىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رامىسفىلد شەنبە كۈنى ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ھوجۇم قىلالايدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھېچقانداق دۆلەت خىتايغا تەھدىد سالمىغان شارائىتتا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ كىشىنى گۇمانغا سالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

رامىسفىلد يەنە، خىتايدا پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنىڭ كەمچىللىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خىتاينىڭ، كەلگۈسىدە چوقۇم دىكتاتۇرلۇق ۋە ئىلغارلىق ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا دۈچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.