ئامېرىكا، خىتاي دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلمىسە ئىشنى چوڭايتىۋالىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.04.24
2008.04.24
ئۇ سۆزىدە " خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرىكەتتە تىنچلىق شەكلىنى تاللىغان، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقان يەنى مۆتىدىل يولدا مېڭىۋاتقان دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمىسە پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان بولىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن.
نېگروپونتې سۆزىدە يەنە، خىتاينى تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانى ئاشكارا ئەيىبلەشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. Negroponte سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر خىتاي تىبەت خەلقىنىڭ شىكايىتىگە قۇلاق سالمىسا، داۋاملىق تۈردە دىنىي ئەركىنلىككە يول قويمىسا ۋە تىبەت مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلسا مۇقىملىقنى كاپالەت ئاستىغا ئالالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن 24 - ئاپرىل كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن كىلىمات مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ياۋروپا بىرلىكىنىڭ دىپلوماتلىرى، تىبەت مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى Benita Ferrero Waldner كىلىمات يىغىنىدا تىبەت مەسىلىسىنىڭ مۇھىم بىر تېما بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
كىلىمات يىغىنى 24 - ۋە 25 - ئاپرىل بولۇپ ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ. يىغىنغا خىتاي تەرەپتىن خۇجىنتاۋ باشچىلىقىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ دىپلوماتلىرىدىن Waldner مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەت مەسىلىسىدە كونكېرت ۋە ئىجابىي قەدەم ئېلىشقا قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









