پەلەستىن مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياسىر ئارافات ۋاپات بولدى
پەلەستىننىڭ رەھبىرى ياسىر ئارافات پەيشەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا، 75 يېشىدا ۋاپات بولدى.
دوختۇرخانا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياسىر ئارافات بىر ھەپتە ھوشسىز ياتقاندىن كىيىن خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت بويىچە ئىككى يېرىمدا جان ئۈزگەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تېخى رەسمىي جاكالانمىدى. بىراق، دوختۇرخانا خادىملىرى ئارافاتنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكىنى ۋە جىگەر ۋە بۆرىكىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارافاتنىڭ جەسىتى قاھىرەگە ئېلىپ بېرىلىپ، جۈمە كۈنى مىسىردا نامىزى چۈشۈرىلىدىكەن. ئۇنىڭ جەسىتى راماللا شەھىرىدىكى پەلەستىن باش شتابىنىڭ قورۇسى ئىچىگە قويىلىدىكەن. ئۆتكەنكى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ياسىر ئارافات ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن راماللادىكى باش شتابىدا قامىلىپ تۇرغان ئىدى.
پەلەستىن خەلقى پەيشەنبە كۈنى كوچىلارغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ۋاپات بولغان رەھبىرىگە تەزىيە بىلدۈردى. ياسىر ئارافاتنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن، پەلەستىن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مەخمۇد ئابباس ئۇنىڭ ئورنىغا پەلەستىن ھوقوق ئورگىنىنىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى بولدى. (ئارزۇ)