مەخپىي ھۆججەت: ئامېرىكا خىتايدىكى بىر قاتار ھەربىي قۇرۇلۇشلاردىن خەۋەرسىز قالغان
2005.06.09
ئامېرىكىدىكى داڭلىق " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئامېرىكا ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ بىر مەخپىي دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۆتكەنكى ئون يىل ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ھەربىي تەرەققىياتلىرىنى ئىگىلىيەلمىگەن.
دوكلاتتا ئىيتىلىشچە، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۆتكەنكى ئون يىل ئىچىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تەرەققىياتلىرىنى ھەددىن تاشقىرى مەخپىي تۇتقان. يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا ئاخبارات دائىرىلىرى كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىگە ئاخبارات خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرمىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات دائىرىلىرى ۋاقتىدا ئىگىلىيەلمىگەن بۇ تەرەققىياتلار، خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق نىشان تاپقۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ھوجۇمچى سۇ ئاستى پاراخۇتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە چەتئەلدىن ئىلغار قوراللارنى ئىمپورت قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئامېرىكا ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى ھەربىي تەرەققىياتلارغا سەل قارىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىلد تېخى ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە ھۇجۇم قىلالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشقا زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىشىدىكى مەقسىتىدىن گۇمانلانغان. ئەمما خىتاي بولسا، دونالد رامىسفىلنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەتنى پەقەت بىر ئاز كۆپەيتكەنلىكىنى، ھەربىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش مەقسىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي 10 يىلنىڭ ئىچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن
- خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىشى ئامېرىكىنى بىئارام قىلدى
- خىتاي ھەربىي خام چوتىنى كۆپەيتدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقى ئاسىيادىكى مۇقىمسىزلىق ئامىلى دەپ قارالماقتا