بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 59 - نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلدى


2004.09.21

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 59 - نۆۋەتلىك يىغىنى سەيشەنبە كۈنى نيۇ- يوركتا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش نۇتۇق سۆزلىدى .

ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر يىغىندا كوفى ئاننان ئاساسلىقى خەلقئارادىكى توقۇنۇش مەسىلىلىرىدە چوقۇم، خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كوفى ئاننان ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىراق ئۇرۇشىنىڭ » قانۇنسىز« ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى ۋاشىنگتون، ئىراققا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشمىگەن .

پرېزىدېنت بۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئاساسەن سەھىيە ئىشلىرىنى ياخشىلاش شۇنىڭدەك ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلىش مەسىللىلىرى ئۈستىدە توختالغان. (ئەقىدە)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ -59 نۆۋەتلىك يىغىنى نيو-يوركتا ئېچىلدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.