روسىيە، ب د ت غا تېررورىزم بىلەن باغلىنىشى بولغان سىياسى پانالانغۇچىلارنى قايتۇرۇش تەكلىپى سۇندى


2004.09.24

رۇسىيە، ب د ت غا تەكلىپ لاھىيەسى سۇنۇپ، تېررورچىلارنىڭ سىياسى پانالىق ھوقۇقىنى جاۋابكارلىققا تارتىلىشدىن ساقلىنىشتىكى قالقان قىلىپ قوللىنىشىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. روسىيە تېررورلۇق چېتىشلىقى بولغان سىياسى پانالانغۇچىلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋېروف ب د ت نىڭ ئومۇمى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، روسىيەنىڭ يۇقىرىقى تەكلىپ لاھىيەسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. چېچەن قوراللىق كۈچلىرى بۇ يىل 8 - ئايدا شىمالى ئوسىتىيەنىڭ بېسلان شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش پاجىئەسىدىن كېيىن، رۇسىيە دائىرىلىرى چېچەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ چەتئەلدىكى رەھبەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئارىدا چېچېنىيە پرىزىدېنتى ئاسلان ماشادوف، بېسلاندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ پاجىئەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان چېچەن كۈچلىرىنىڭ قوماندانى شامىل باسايېفنى سوتقا تاتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق ماشادوف، بۇ سوتنىڭ چېچەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر، رۇسىيىنىڭ تەكلىپى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. چۈنكى ئىلگىرى خىتاينىڭ گېرمانىيە ۋە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرىنى، ئامېرىكىدىكى گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.