ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىروسىغا قارشى دورىلارنى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى


2005.06.22

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئوزۇقلۇق ۋە يېزا ئىگىلىك ئورگىنى چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قۇش زۇكام ۋىروسىغا قارشى دورىلارنى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى نورەددىن مونا بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، "ئەگەر بۇ يەردىكى ئۆي قۇشلىرىغا قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋىروسلىرى ئۇرۇلسا، ئۇ چاغدا كەلگۈسىدە خىتايدا ياكى باشقا ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئادەملەر قۇش زۇكىمىغا گىرىپتار بولغاندا، بۇ دورا ئادەملەرگە پايدا قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ 1990 - يىللاردىن باشلاپلا ئۆي قۇشلىرىنىڭ قۇش زۇكىمى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارغا قۇش زۇكامغا قارشى ۋىروسلارنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھايۋانلارغا بۇ خىل دورا ئىشلىتىلسە، ۋىرۇس ناھايىتى تېزلا بۇ دورىلارغا ئۆزلىشىۋالىدىكەندە، كېيىن ئادەملەر بۇ كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغاندا بۇ خىلدىكى دورىلار كار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.

نۆۋەتتە ب د ت دىن باشقا يەنە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ھەر قايسى سەھىيە ۋە ئاشلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ جەھەتتە جىددىي بېسىم ئىشلەتمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇنى تېخى ئېتىراپ قىلمىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.