بېلورۇسىيىدىكى سايلامدا يەنە كونا پرېزىدېنت غەلىبە قىلدى

ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن دىكتاتورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا 83% تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلەت تاشلىنىپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن بېلورۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، لۇكاشېنكونىڭ 82% بېلەتكە، ئۆكتىچى رەھبىرى مىلىنكېۋىچنىڭ 2% بېلەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئالېكساندىر لۇكاشېنكو بېلورۇسىيىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقانلىقىغا 12 يىل بولغان. ئۇ ئىككى قېتىم ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۈچىنچى قېتىم پرېزىدېنت بولىدىكەن. بىراق، ئۆكتىچىلەر بۇ نەتىجىدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۆكتىچى پرېزىدېنت نامزىتى مىلىنكېۋىچ دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لۇكاشېنكو ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، يەكشەنبە كۈنى كەچتە سايلام ئومۇمىي يۈزلۈك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پايتەخت مىنسك شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، پرېزىدېنت لۇكاشېنكو بولسا، ھەر قانداق جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان قالايمىقانچىلىقلار ۋە نامايىشلارنى باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئالېكساندىر لۇكاشېنكو رۇسىيەپەرەس سىياسەت يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۆكتىچىلەر بېلورۇس مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدىن قۇتۇلۇپ، دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىشنى تەرغىپ قىلىپ، لۇكاشېنكونى دىكتاتورلۇق ۋە رۇسىيەپەرەسلىك بىلەن ئەيىبلەيدىكەن. (ئۈمىدۋار)