بېرمىدىكى نامايىش داغدۇغۇلۇق داۋاملاشماقتا


2007.09.25

بىرمىدا دېموكراتىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشقا قاتناشقۇچىلار سانى 50 مىڭدىن ئاشتى. بىرما پۇقرالىرى بىر قانچە ۋاقىت ئىلگىرى، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنى ئۆرلەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. مەزكۈر نامايىش بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، نەچچە ئون مىڭلىغان راھىب ۋە راھىبەرلەر خەلقنى قوللاپ ئۇلانما نامايىش ئېلىپ باردى. ئۇلار بېرمىنىڭ پايتەختى رانگۈن شەھىرىدە ئەركىنلىك - دېموكراتىيە بايرىقىنى قوللىرىدا ئىگىز كۆتۈرۈپ قاتناشنى توسىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تېنچلىق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۈر نامايىش، ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن قەستەن بۇرمىلانماقتا ئىكەن.

خەلق بۇ قېتىمقى نامايىش ئارقىلىق بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ، دۆلەتنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا باشقۇرىدىغان بىر ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. مەزكۈر نامايىش بېرمىدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاڭسەن سۇچى خانىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.