ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" دىن ئەندىشە قىلماقتا


2005.03.17

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" غا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللىغان ئىدى. بۇ قانۇن تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان شارائىتتا، خىتاي ئارمىيىسىگە تەيۋەنگە قوراللىق ھوجۇم قىلىش ھوقۇقى بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۈر قارارىدا، " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھوجۇم قىلىش ھوقۇقى بەرگەنلىكى، تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن سرت، پارلامېنت ئەزالىرى يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەخسۇس خادىم تەيىنلەپ، خىتاينىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" ۋە تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىدنى كۈچەيتىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشكە چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەزكۇر قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسمۇ يەكشەنبە كۈنى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىدە، " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن ھەققىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.