بۇش، پرىزدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا پرىزدېنتى جورج ۋ بۇش، پەيشەنبە كۈنى نيۇ-يوركتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى سۆز قىلىپ، 11 - ئايدىكى ئامېرىكا پرىزدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ كېيىنكى يىلدا يۈرگۈزىدىغان ئىچكى- تاشقى سىياسىتىنى شەرھىلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ تېررورىزم ۋە ئىراق ھەركىتىنى ئاقلىدى. بىراق ئۇ، ئىراقتا قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار تېپىلمىغانلىقى ئۈستىدە كۆپ توختالمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى 4 يىل ئىچىدە ئامېرىكا خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

پرىزدېنت بۇش، بۇ قېتىمقى سايلامغا ئېنىق مەخسەت ۋە ئاكتىپ پىلان بىلەن قاتنىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە تېررورىزمغا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، دۇنياغا دېموكراتىيىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدىغانلىقى، تېخىمۇ بىخەتەر ۋە دېموكراتىك دۇنيا بەرپا قىلىش يولىدا ئىلگىرلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. پرىزدېنت بۇش قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە ئۆزىنىڭ 4 يىللىق ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىش جەرىيانىدىكى بەزى خاتالىقلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ، ئۆتكەنكى 4 يىل جەرىيانىدىكى بەزى سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىر قىسىمى تېرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئامېرىكىدىكى پرىزدېنت سايلىمى بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.