ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جون كەررىي ئامېرىكا سايلىمى ئاخىرلىشىپ 20 سائەتتىن كېيىن، ئاق سارايغا تېلېفون ئېچىپ بۇشنىڭ ئۇتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ، 4 يىلنىڭ ئالدىدا بۇش بىلەن ئەل گور ئوتتۇرىسىدىكى سايلام رىقابىتىدە كۆرۈلگەن، ئۇزۇن مەزگىلگىچە سايلام نەتىجىسىنى سىتاتىستىكا قىلىپ بولالماسلىق ۋەزىيىتىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىدى.
مەزكۈر سايلامدا ئوخايو شىتاتىنى ھېسابلىمىغاندا، بۇش 254 ئاۋازغا، كەررىي 252 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئادەتتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن نامزات ئاز دېگەندە 270 ئاۋازغا ئېرىشىشى كېرەك بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ھەر ئىككىلىسى ئوخايو شىتاتىنىڭ 20 سانىغا قاراشلىق بولغان ئىدى.
گەرچە ئوخايو شىتاتىدىكى 250 مىڭ ۋاقىتلىق بېلەت تېخى سىتاتىستىكا قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي يوسۇندا تاشلانغان بېلەتتە بۇش يەنىلا كەررىيدىن ئازراق ئۈستۈن كەلگەن. شۇ سەۋەپتىن كەررىينىڭ سايلام گۇرۇپپىسى ۋاقىتلىق بېلەتنىڭ ئومۇمىي بېلەت سانىدا چوڭ ئۆزگىرىش ياساپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
شۇنداقلا جون كەررىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، جورج W بۇشنىڭ سايلامدا ئۇتقانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)
ھەمدە بۇش ۋە مۇئاۋىن پرېزدېنت دىك چېنېي سائەت 3 تە تېلېۋىزىيەدە نۇتۇق ئېلان قىلىپ، سايلىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت بۇشنى پۈتۈن دۇنيانى سوراشقا تېرىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى چەن چىچەننىڭ سۆزىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- جون كەررېي بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا پرېزدېنت نامزاتلىرى ئاخىرقى مۇنازىرىسىنى ئېلىپ باردى
- ئامېرىكا پرىزىدېنت نامزاتلىرى تاشقى سىياسەت ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى
- بۇش، پرىزدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدى
- ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى