جورج بۇشنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى


2005-01-20
Share

INAUGURATION_BUSH_OATH_.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئايالى ۋە ئىككى قىزى بىلەن ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باشلىقى ۋىليام رىنكىۋىستنىڭ ئالدىدا قەسەم بەرمەكتە. AFP

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىدە جورج ۋىليام بۇشنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پرېزىدېنت بۇش ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان قەسەم بېرىش نۇتقى سۆزلەشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسەتلىرى ۋە ھەر ساھە بويىچە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

جۇرج بۇش ۋاشىنگتون ۋاقتى سائەت 12 دە سول قولىنى " ئىنجىل" نىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ رەسمىي قەسەميات قىلدى. قەسەمنى ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باشلىقى ۋىليام رىنكىۋىست قوبۇل قىلدى. ئارقىدىن پرېزىدېنت بۇش رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقى سۆزلىدى.

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىنى سۆزلەۋاتقان پەيتتە، ئونلىغان كىشى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىس مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جايغا باستۇرۇپ كىرىشكە تىرىشقان . خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان گاز ئىشلەتكەن . (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت