پرېزىدېنت بۇش، گروزىيىدىكى دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىنى ماختىدى


2005.05.10

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، سەيشەنبە كۈنى گروزىيە پايتەختى تىبلىستىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا سۆز قىلىپ، 2003 - يىلدىكى گروزىيە ئەتىرگۈل ئىنقىلابىنى "دۇنيا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك مەشئىلى بولۇپ قالدى،" دەپ ماختىدى.

دۇنيانىڭ باغداتتىن بېيرۇتقىچە، بېيرۇتتىن بېشكەككىچە ئۈمىدۋار ئۆزگۈرۈشلەرگە شاھىد بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت بۇش، " بىز پۈتۈن كاپكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى ياشلارنىڭ قەلبىدە ئازادلىق ئوتىنىڭ يالقۇنجاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ "سىلەرنىڭ جاسارىتىڭلار دېموكراتىك ئىسلاھاتچىلارغا شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا "ئەركىنلىك يەر شارىدىكى ھەر بىر دۆلەت ۋە ھەر بىر خەلقنىڭ كېلەچىكى بولۇپ قالىدۇ" دېگەن سىگنالنى بەردى دېدى.

پرېزىدېنت بۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى گروزىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. كۆزەتكۈچىلەر، پرېزىدېنت بۇش بۇ سۆزى رۇسىيىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. گروزىيىنىڭ ئابغازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسىتىيە رايونىدىكى بۆلگۈنچىكلەر رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ئىدى.

پرېزىدېنت بۇش، گروزىيىنىڭ ياۋروپا جەمئىيىتىگە شۇنداقلا ش ئا ئو ئە ت غا قاتنىشىش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا گروزىيە زىمىنىدىكى رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىشىنى قوللايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. گروزىيە پرېزىدېنتى شاكاشۋىلى، جورجى بۇشنى يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىغا باي رەھبەر، دەپ ماختىدى. پرېزىدېنت بۇش، دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كېيىن گروزىيىگە بارغان. گروزىيە پرېزىدېنتى شاكاشۋېلى موسكۋادىكى مۇراسىمغا قاتناشمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.