ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تىفلىستىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا، نەچچە ئون مىڭلىغان گرۇزىيە خەلقىنىڭ ئالقىش - سادالىرى ئىچىدە نۇتۇق سۆزلەپ "ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايون خەلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئەركىنلىككە ئېرىشىشكە تەشنا" دەپ بىلدۈردى.
پرېزىدېنت جورج بۇش سۆزىدە يەنە " سىلەرنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جاسارىتىڭلار، پۈتۈن دۇنيادا غۇل - غۇلا قوزغىدى" دېدى.
ئۇ يەنە "ياشلار ئەركىنلىككە چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنداقكەن ئۇلار چوقۇم ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى ۋە بارلىق دۆلەتلەر گرۇزىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزى رۇسىيىگە قارىتىلغان ئىكەن.
بۇش، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى گرۇزىيىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، گرۇزىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك يولىدا ئاتقان ھەر قەدىمىدە ئامېرىكىنىڭ بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جورج بۇش، گرۇزىيىدە يۈز بەرگەن ئىنقىلابنىڭ ئۇكرائىنىيىدىكى ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋە ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن خەلقلەر ئۈچۈن ئىلھام قاينىقى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ "گرۇزىيە، بۈگۈن ئەركىنلىككە ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەركىنلىككە تەشنا خەلقلەر ئۈچۈن بىر مەشئەل بولدى" دېدى.
بۇش يەنە، ھازىر بۇنىڭغا ئوخشاش ئەركىنلىك ئارزۇسىنىڭ كافكاسلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ گرۇزىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان پرېزىدېنت جورج بۇش ، سۆزىنى ئامېرىكا خەلقىگە ۋاكالىتەن رەخمەت ئېيتىش بىلەن تاماملىدى.
مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن توپلانغان ئون مىڭلارچە خەلقنىڭ ئالقىشلىرى، شۇنىڭدەك گرۇزىيە سەنئەتچىلىرىنىڭ ناخشا - ئۇسۇللىرى، لەپىلدەپ تۇرغان ئامېرىكا ۋە گىروزىيە بايراقلىرى، تىفلىس ئەركىنلىك مەيدانىدىكى كەيپىياتنى ئىنتايىن جانلاندۇرۋەتكەن. پرېزىدېنت بۇشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇراسىم، گرۇزىيىنىڭ پايتەختتى تىفلىستە، 18 ئاي بۇرۇن پارتىلىغان قىزىل گۈل ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن داغ - دۇغۇلۇق بىر قېتىملىق پائالىيەت ھىساپلاندى.
جورج بۇش، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، گرۇزىيىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىغان. (ئەقىدە)