بۇش ئىراننىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى يەنە تەكىتلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يەكشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلغاندا، ئىراننىڭ دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، ئىراننىڭ تېررورىزمنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ماختىغان ھەمدە "دېموكراتىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشتىكى بىردىن بىر باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئەل- قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇش كۇۋەيتنى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل ئىيۇلدا ئىراقتىن 20 مىڭ ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت بۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئابىدابى شەھىرىدە مەزكۇر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى خەلىپە بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان. خەلىپە بۇشقا پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان. پرېزىدېنت بۇش داۋاملىق ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلماقچى.