بۇش، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئېيتتى

0:00 / 0:00
US-BUSH-TERROR-59.jpg
28-ئىيۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش فورت برېگ ھەربىي بازىسىدا ئامېرىكا خەلقىگە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىمەكتە. AFP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، گەرچە ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىدا ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىراقتىكى ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇش، ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىراقلىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىگە بىر يىل بولغاندا، ئامېرىكا خەلقىنى سەۋر - تاقەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇش: ئىراقتىكى ۋەزىپىمىز جاپا- مۇشاقەتلىك ۋە خەتەرلىك، ئەمما بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ

پرېزىدېنت بۇش، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي كورىلىنادىكى فورت برېگ ھەربىي بازىسىدا ئامېرىكىلىقلارغا سۆز قىلىپ، " بىزنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىمىز روشەن. بىز تېررورىزىمغا زەربە بېرىۋاتىمىز شۇنداقلا بىز ئىراق خەلقىنىڭ ئەركىن دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. بۇ دۆلەت بىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقدىشىمىز. بىز كەڭ دائىرىدىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىمىز،" دېدى.

بۇش، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇ، ئۇلارنى چۈشۈنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭمۇ ئىراقتىكى پارتلىتىش ۋەقەلىرى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەزىرىلەرنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇش مۇنداق دېدى: " ھەر بىر كۆرۈنۈش تېررورلۇققا تولغان، ئىنسانلار داۋاملىق جاپا چەكمەكتە. مۇشۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئامېرىكا خەلقى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ئەرزىمدۇ ؟ دەپ سورايدىغانلىقىنى بىلىمەن." پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىسى جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدىكەن.

بۇش، ئىراقتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بۇش، ئىراقتىكى ئىسيانچىلارنى 2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى ھۇجۇمنى پىلانلىغان تېررورچىلار بىلەن بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئەركىنلىك كۈچلىرى ئىراقتا دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. بۇلار ئىنسان ھاياتىنى ئەرزىمەس، دەپ قارايدىغان كىشىلەر." بۇش، " دۈشمەنلىرىمىزنىڭ غەلىبە ئېرىشىشتىكى بىردىن - بىر يولى، بىزنىڭ 11 - سېنتەربىردىكى تەرجىربە ساۋاقلارنى ئۇنتۇشىمىز، ئىراق خەلقى بىلەن كارى بولماسلىقىمىز، ئىراقنى زاركاۋىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكىنى بىن لادېنغا ئوخشاش كىشىلەر بەلگىلەشتۇر،" دەپ سۆزلىدى.

بۇش، ئامېرىكا خەلقىغە نۇتۇق ئېلان قىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا، شىئەلەرنىڭ ئىراق پارلامېنتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئۆلگەن. شۇ كۈنى ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئىدى. پرېزىدېنت بۇش، ئىراقتىكى ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئىراقنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇش، "بىز ئەل - قائىدە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىراقنى ماكان قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلار ئەينى چاغدا تالىبانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانىستاندا ماكان تۇتۇۋالغانغا ئوخشاش، بۇ يەرنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىشتىكى بازا قىلىپ قوللىنىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

بۇش: قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەش توغرا ئەمەس

نۆۋەتتىكى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا ئامېرىكىلىقلارنىڭ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇرۇشىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى ئازايغان. ئەمما بۇش، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستىراتىگىيىسىگە ئىگىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا قوشۇنى ئىراقتا زۆرۈر تېپىلغانغا قەدەر تۇرىدىكەن. ئەمما ئۇ، زۆرۈرىيىتى قالمىغاندا بىر كۈنمۇ تۇرمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدىۋىلىنى ئېلان قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇش، " بىز ئىراق خەلقى ئورنىدىن دەس تۇرغاندا ئارقىمىزغا چېكىنىمىز،" دىدى.

بۇش نۇتۇقى دېموكراتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ئەمما پرېزىدېنت بۇشنىڭ سىياسىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. دېموكراتلار رەھبىرى نەنسى پەلوسى، پرېزىدېنت بۇشنى ئىراقتا مۇۋاپىقىيەتسىزلىككە ئۇچراش بىلەن تەنقىدلىگەن. پەلۇسى " پرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكا خەلقى ئالدىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئىستراتېگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما بىز ھازىرغىچە بۇنى كۆرۈپ يېتەلمىدۇق." دەپ كۆرسەتتى.

نەنسى پەلۇسىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىراقلىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەككەن. بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق سىياسىتى دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئەزالار دېموكراتلارنىڭ سېپىغا قوشۇلدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك خاگىل، ئاق ساراينى ئىراقتىكى رېئاللىقنى گۈللەشتۈرۈش بىلەن تەنقدىلىگەن. (ئەركىن)