ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بېيجىڭ ئولىمپىكى سەپىرىنى باشلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 4 - ئاۋغۇست، بېيجىڭ ئولىمپىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان سەپىرى ئۈچۈن يولغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ نۆۋەت خىتايغا بارغاندا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىدىكەن.

پرېزىدېنت بۇش 5 - ئاۋغۇستتىن 7 - ئاۋغۇستقىچە جەنۇبى كورېيە ۋە تايلاندلاردا ھۆكۈمەت زىيارىتى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن 8 - ئاۋغۇست جۈمە كۈنى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭدا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىكەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى روگىي ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن ھەمدە بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش، 10 - ئاۋغۇست خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتە ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بېيجىڭدا چېركاۋغا بارىدىكەن ۋە مەزكۇر چېركاۋنىڭ پوپى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

30 - ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىر قارار ماقۇللاپ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە زىيارەتتە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ھالبۇكى ھازىرچە پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر تەپسىلىي مەلۇمات يوق.