بۇش ۋە پوتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇش ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى
2007.07.02
1- ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پوتىن مايىن شتاتىغا جايلاشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ شەخسى تۇرالغۇسىدا بۇش بىلەن ئۇچراشتى . ئۇچرىشىشتا ئۇلار ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇش ئىشلىرى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق زىل مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئۇچرىشىش جەريانىدا پوتىن بۇشنىڭ شەرقى ياۋروپاغا باشقۇرۇلدىغان بومبا قالقان سىستېمسى رادار بازىسى قۇرۇش پىلانىغا قارىتا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبى رۇسىيىگە رادار سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقى ئايدا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8 دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا پوتىن ئەزەربەيجانغا جايلاشتۇرۇلغان سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قالغان رادار سىستېمىسىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، رۇسلارنىڭ ئەزەربەيجاندىكى رادار سىستېمىسى بەك كونا، بومبىلارنى ئۈنۈملۈك بايقىيالمايدۇ دەپ قوبۇل قىلمىغان ئىدى.
ئەمما، دۈشەنبە كۈنى ۋلادىمىر پوتىن، بۇشنىڭ تۇرالغۇسىدا مۇخبىرلارغا، ئەگەر ئەزەربەيجاندىكى رادار سىستېمىسى كونىراپ كەتكەن بولسا ، رۇس زېمىنىغا يېڭىدىن بىر رادار سىستېمسى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بۇ سىستېمىنى قۇرۇپ چىقىشتا ناتونى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ پۇتىننىڭ بايانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، پوتىن: "ياۋروپاغا يېڭىدىن مۇنداق سىستېمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق" دەيدۇ.
ئەمما ، بۇشمۇ پولشا ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىدە رادار سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: " پوتىننىڭ ئېيتقانلىرى بەك ئىجادىي ۋە مېنىڭچە بەك ئىستراتېگىيىلىك، لېكىن مەن ۋىلادىمىرغا ئېيتتىمكى، چېخ ۋە پولشالار بۇ سىستېمىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى " دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي مەقسىدى بولسا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىۋاتقان يىرىكلىكنى يۇمشىتىش ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇش:" كوسوۋا چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز" دېدى
- پرېزىدېنت بۇش ئالبانىيىنى زىيارەت قىلدى
- پرېزىدېنت پۇتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا قارىتا پوزىتسىيىسىنى يۇمشاتتى
- رابىيە قادىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى بىلەن كۆرۈشتى
- پرېزىدېنت بۇش :رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولىدۇ
- "ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"
- رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋىج ئالدى