رابىيە قادىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى بىلەن كۆرۈشتى


2007.06.05

Rabiye-Bush-Rushen-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامەرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رۇشان ئابباس، ئامەرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن سۆھبەتتە. Photos are courtesy of UAA / Rushan

چېخ جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كىشىلىك ھوقوق ۋە دېموكراتىيە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 5 - ئىيۇن كۈنى شۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى لورا بۇش بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت بۇش بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

رابىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش بولغان بولۇپ ، پرېزىدېنت بۇش سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى ھەم دېموكراتىيە مەسىلىلىرى ئۈچۈن ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇشنىڭ خانىمى لورا خانىم ۋاشىنگتونغا قايتقاندا رابىيە خانىم بىلەن قايتا كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى قىزغىن كەيپىياتتا بىلدۈرگەن .

جورج بۇش گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ33 - نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش سەپىرىدە چېخ جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولماقتا ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكىسى ھەمدە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 2005 - يىلى3 - ئايدا خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ ئامېرىكىدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.