جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ ئۇچراشتى

بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جورج بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان ھەمدە يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى كاتولىك چېركاۋىنى زىيارەت قىلىپ، دىنى پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە شەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىر ئامېرىكىلىق ئەر ئايال ۋە ئۇنىڭ يول باشلىغۇچىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر ئەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، باشقىلارنىڭ يارىدارلىنىش ۋەقەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا چوڭقۇر تەزىيىسى ھەمدە بۇ دېلونى ئېنىقلاشقا يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىبار بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە ساقچى دائىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 9 - ئاۋغۇست كۈنى تاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي بېيجىڭ شەھىرىدىكى قەدىمى بىنانى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىككى ئامېرىكىلىق ھەم ئۇلارنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىلىق ئەرنى ئۆلتۈرگەن، ئايالىنى يارىدار قىلىپ، كېيىن ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى. ئېنىقلىنىشىچە، مەزكۇر ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكىلىق كىشى ئولىمپىككە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلىنىڭ تۇغقىنى ئىكەن.

بۇش بىلەن خۇنىڭ سۆھبىتى بىر قانچە سائەتكە سوزۇلغان بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋغا دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مۇھەببەت بىلەن تولغان دىننىڭ تەسىر كۈچىدىن قورقماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىرچە سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى تېخى تولۇق ئېلان قىلىنمىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.