مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتايدىن تۈرمە ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2008.01.31

خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى تەشكىلاتى" مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان تەشۋىقات كارتىنى سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى 29 مۇخبىرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتايغا بېرىشتىكى مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كەڭ يول قويۇشى بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۈگۈنگە قەدەر تۈرمە ئىچىدىكى 29 نەپەر مۇخبىرنى قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا يەنە، بۇ يىل يازدا پۈتكۈل دۇنيانىڭ خىتاينى ئالاھىدە كۆزىتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىدە قانچىلىك دەرىجىدە تۇرىدىغانلىقى دىققەتكە ئېلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ نيۇيوركتىكى باش كونسۇلخانىسىغا سۇنۇلغان تەشۋىقات كارتلىرىغا 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئىمزا قويغۇچىلار مەشھۇر مۇخبىرلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ساھىپخانلىقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىزچىل تۈردە ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.