2005 -يىللىق "دېموكراتىيە" مۇكاپاتى 3 نەپەر ئافغانىستانلىققا بېرىلدى


2005-07-14
Share

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى 14 - ئىيۇل كۈنى 2005 - يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتىنى 3 نەپەر ئافغانىستانلىق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىگە بەردى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالار ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھىللېرى كلىنتون خانىم قەدەم تەشرىپ قىلدى. مۇراسىمىغا يەنە، مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.

ئامېرىكا دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى "دېموكراتىيە" مۇكاپاتىنى بەرگەن بۇ 3 كىشى، ئافغانىستاننىڭ دېموكراتىيىگە قەدەم قويۇشىغا ئاساس سالغان ۋە ئافغان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن ئافغان مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى سەكىنە ياقۇبى، ئافغان تەرەققىيات فوندىنىڭ دېرىكتورى مۇھەممەد ناسىب، ئافغان ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى سارۋار ھۇسەيىن قاتارلىقلار.

بۇ مۇراسىمدا، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى كارل گېرىشمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، "كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئارىمىزدا بىز بىلەن بىرگە بولۇشى كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ" دېدى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت