ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى


2008.02.29

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشسا، بۇ جەرياندا دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە يەر ئاستى خرىستيان چېركاۋلىرىنىڭ دىنىي مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دەيدۇ، " بىز پرېزىدېنتنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدە دىنىي ئەركىنلىك دېگەنلىك پەقەت ئىبادەت بىلەن چەكلىنىش، دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى، بۇ يەنە شەخسلەرنىڭ سۆز، يىغىلىش ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولۇش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى سايلاش، پەرزەنتلىرىنى ئۆز دىنىي ئېتىقادى بۇيىچە تەربىيىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى رەسمىي ۋە خۇسۇسىي سورۇنلاردا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز ."

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل كرومارتې، بۇشنىڭ بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە يەر ئاستى خرىستيان چېركاۋلىرىنى زىيارەت قىلىشىنى، تىبەتلەرنىڭ 2 ‏- روھانى رەھبىرى گوېدېن چوېكې نيىما بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ، "پرېزىدېنتنى يەنەك، تۈرمىدىكى كاتولىك بىشوپلارنى، يەر ئاستى خرىستيان رەھبەرلىرىنى، تىبەتلىك بۇددىستلار ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز " دېدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2007 - يىلى يازدا ئاۋسترالىيىدە چاقىرىلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا پرېزىدېنت بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان، بۇش خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. خىتاي 1999 ‏- يىلدىن بېرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى "ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.