ئامېرىكا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئەيىبلىدى
2007.09.14
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە، دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تىبەتلىك بۇددىستلار، يەر ئاستى خرىستيان مۇرىتلىرى، فالۇنگوڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز دەپ قارىغان مەزھەپلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي چەكلىمە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسمىدا "شىنجياڭ" دائىرىلىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەۋاتقانلىقىنى يازدى. دوكلاتتا، "شىنجياڭ" دائىرىلىرىنىڭ دائىم مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان تىنچ ھەرىكەتلەر ۋە "قانۇنسىز پائالىيەتلەر" بىلەن زوراۋان تېررورلۇقنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا رايوندا "تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش، باستۇرۇش ۋە جازالاش ھەرىكىتىنىڭ دىندارلار، تىنچ سىياسىي پائالىيەت قىلغۇچىلار ياكى زوراۋان ۋاستىلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ قايسىسىغا قارىتىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرمەك تەس" دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا يەنە، دىندارلارنىڭ تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرنى كۆرسىتىدىغان "ئۈچ خىل كۈچلەر" قاتارىدا جازالىنىۋاتقانلىقىنى، "ئۈچ خىل كۈچلەر "نىڭ بولسا مۇسۇلمانلارنى كۆزدە تۇتۇدىغانلىقىنى شۇنداقلا مەسچىد سېلىش، بالىلارغا ئىسلام تەربىيىسى بېرىش، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، پروفېسسورلار ۋە ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈركىنىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھەجگە بارغۇچىلارغا سىياسىي ساداقەتمەنلىك شەرتى قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 1999 - يىلدىن بېرى ھەر يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلىدى
- بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتايغا ئىمبارگو قويۇش بېسىمىغا دۇچ كەلدى
- خىتاي بىلەن ۋاتىكان بىشوب تەيىنلەش مەسىلىسىدە يەنە بىر - بىرىنى ئەيىبلەشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى ئەركىنلىككە يول قويمىسا ئاقىۋەتتە كۆپ زىيان تارتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلادىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى
- پرېزىدېنت بۇش 3 نەپەر تەرەپسىز خرىستىئان چېركاۋ پائالىيەتچىسىنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلدى









