ئەنگىلىيە چېگرا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋىزىسى ئۆتۈپ كەتكەن چەتئەللىكلەر ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
2008.01.07
بۈگۈن لوندوندا چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ئەنگىلىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يوللىغان بىر پارچە ئەسلەتمە ئاشكارىلانغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسلەتمىدە ۋىزىسى ئۆتۈپ كەتكەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئەنگىلىيىدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋەتمەسلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ھەر يىلى مىڭلىغان ئادەم ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن ئەنگلىيىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ خىل ۋىزىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ئەنگلىيىدە خىزمەت قىلىپ ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشسىمۇ قېچىپ يۈرۈپ تۇرۇۋالىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 17 - دېكابىر كۈنى ئەنگىلىيە چېگرا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا يوللانغان ئەسلەتمىدە ۋىزىسى توشۇپ كېتىپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى چېگرىدىن چىقىرىۋېتىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالماسلىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئەسلەتمە لوندوندا چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.
ئەنگىلىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىمى جون تىنسېي بۇ ئەسلەتمىنى ئەيىبلىدى ۋە : " بۇ ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بۇيرۇق ئىكەن " دېدى.
ھالبۇكى ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھازىر ۋىزىسى ئۆتۈپ كېتىپ ئەنگلىيىدە تۇرۇۋاتقانلار كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چېگىرىدىن چىقىرىش ھەرىكىتىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلمىغان بولۇپ، پاناھلىق تىلەپ ئۆتەلمىگەنلەر ۋە چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى چېگىرىدىن چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىرىنچى مەسىلە ئىكەن.
ئەنگىلىيە چېگرا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىن ھومېر ئاشكارىلىنىپ قالغان ھۆججەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىدە، ئەنگلىيىدە تۇرۇش ئۈچۈن ئالدامچىلىق ۋە ئارقا ئىشىك قىلىش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيە بارلىق تۈركىي تىللىق دۆلەتلىرىگە قاراتقان ۋىزا تۈزۈمىنى بىكار قىلماقچى
- رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى
- شاڭخەيدىن ئۇچۇپ سان - فرانسىسكوغا قونغان ئايرۇپىلاندىن جەسەت تېپىلدى
- بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى مۇساپىرلارنىڭ ھال -كۈنىنى يامانلاشتۇرماقتا
- ئەنگىلىيە ئارمىيە رەھبەرلىرى ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىماقچى
- ئامېرىكىدا "قانۇنسىز ئىشچىلارسىز بىر كۈن"
- 22 نەپەر خىتاي قاچاقلىرى ئامېرىكىدا قولغا ئېلىندى
- ئامېرىكا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلاي دەپ قالدى
- خىتاي ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى رەت قىلدى
- ئەنگىلىيە لوندوندىكى پارتلاش دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ 6 ئادەمنى قولغان ئالدى









