ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى


2004.09.15

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىدى ۋە خىتاينى بۇ ھەقتە ئەيىپلىدى.

مەزكۈر دوكلات خىتاي، خوڭكوڭ، ماكاۋ، تەيۋەن، تىبەت ، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگوڭ قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان قىسمىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋەزىيىتىنىڭ تۇڭگانلارنىڭكىدىن كۆپ ناچار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي جەھەتتىن كۆپ چەكلىمە قويۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن سىرت، بالىلار ھەتتا ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەركىن دىنىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللۇنىشىغا يول قويمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە دىنىي رادىكال دېگەن باھانىلار بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.