خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدىكى بايانلارنى رەت قىلدى


2007-09-20
Share

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدىكى خىتايغا دائىر بايانلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئاقلىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدىكى بايانلارنى "ئاساسسىز "دەپ رەت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىن دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت، فالۇنگوڭ، خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىشىغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ھەققىدە توختۇلۇپ، بۇ "جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئارىلاشقانلىقتۇر " دەپ ئەيىبلىدى شۇنداقلا بۇ يەنە "جۇڭگونىڭ دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىگە قارىتىلغان ئاساسسىز تەنقىدنىڭ داۋامى"دەپ كۆرسەتتى. جياڭ يۈي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا يەنە،"جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ " دەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتاي ئاساسىي قانۇنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن كومۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي گۇرۇھلارنى، بولۇپمۇ ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى باشقا مىللەت دىنىي زاتلىرىنى ۋە دىندارلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ 2006 - يىلى پاكىستاندا توسۇپ قويۇلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1999 - يىلدىن بېرى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. بۇ دوكلاتلاردا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى ئۈزلۈكسىز تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت