ئەرمەنىيىدىكى قالايمىقانچىلىقتا 8 ئادەم ئۆلدى


2008.03.02

شەنبە كۈنى كاۋكازىيىدىكى ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى يېرېۋان شەھىرىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئاز دېگەندە سەككىز ئادەم ئۆلگەن. نامايىشچىلار 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدىن نارازى بولغان بولۇپ، ئالدى بىلەن تىنچ نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولسا، بۇ ھەرىكەت ئارقىدىن قان تۆكۈلۈش بىلەن خۇلاسىلانغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش ئېلىپ چىققان ھەمدە 30 ساقچى يارىلانغان. شەنبە كۈنى ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، شەھەرگە تانكا-برونىۋىكلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ھەربىي قوشۇن كىرگۈزگەن. ھەربىي ھالەتنىڭ 20- مارتقىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى جاكارلانغان. ئەرمېنىيە پرېزىدېنتى خەلقنى تىنچلىققا چاقىرغان ھەمدە يەكشەنبە كۈنىگىچە شەھەر تىنچلاندۇرۇلغان.

بۇ نامايىشنى پرېزىدېنت سايلىمىدا يېڭىلگەن نامزات تەرەپدارلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى، ئۇنىڭدا ساختىلىق بارلىقىنى كۆرسىتىشكەن. بىراق، يەنە بەزى ئۆكتىچىلەر ئەرمەنىيىدىكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ قوشنا گرۇزىيىدىكى رەڭلىك ئىنقىلابنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ ئەرمەنىيىدىكى تەسىرىگە سەلبىي ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.