ياپونىيە، بېيجىڭنى خىتايلاردىكى ياپون ئۆچمەنلىكىنى ئەيىپلەشكە چاقىردى


2005.04.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتايلاردىكى ياپونىيە ئۆچمەنلىكىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىپ، خىتاي ئېتىرازچىلارنىڭ ياپونىيىگە قارشى بۇزغۇنچىلىقىنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي " ۋەتەنپەرۋەرلەر" ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاش بورانغا تۇتۇپ، ئەلچىخانا دېرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە ياپونىيە تەرەپنى جاۋابكار، دەپ ئېلان قىلدى شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ شەرقىي دېڭىزدا نېفىت قېزىش قارارىنى كۈشكۈرتكۈچىلىك ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلىگەن. ئامما ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوبۇتاكا ماچىمۇرۇ، پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماچىمۇرۇ، " ھەر قانداق سەۋەپ نامايىشچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى كەچۈرۈشكە يەتمەيدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، نامايىشچىلارنىڭ " ھەرىكىتىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھسىز،" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ئېتىرازچىلار بۇزغۇنچىلىقنىڭ گۇناھلىقىنى بىلىدۇ، ئامما ئۇلار ئۆزلىرىنى گۇناھسىز، دەپ تۇرۇۋالدى. خىتاي دىپلوماتلار ئۇلارغا يول قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مىللەتچىلەر پۇقرالارنى ماچۇمۇرۇنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بارىدىغان بېيجىڭدىكى زىيارىتى جەريانىدا، كەڭ - كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان. بۇ ئارىدا ياپونىيە ساقچى نازارىتى بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتى ۋىروسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇردى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، ۋىروس ھۇجۇمىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارلاشقانلىقىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.