فرانسىيە خىتايغا ئىككى يادرو رېئاكتورى ياساپ بەرمەكچى


2007-11-26
Share

خىتايدا ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي، خىتاي بىلەن 30 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمدە، فرانسىيىگە جايلاشقان ئايرباس رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى ياساش شىركىتى خىتايغا 160 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يادرو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش شىركىتى - ئارېۋا خىتايغا ئىككى يادرو رېئاكتورى ياساپ بېرىش بېكىتىلگەن.

فرانسىيە يادرو شىركىتى جەنۇبىي خىتايدا ياسىماقچى بولغان رېئاكتور كەلگۈسى 6 يىل ئىچىدە تاماملىنىپ 2014- يىلىغا كەلگەندە توك چىقىرىشقا باشلايدىكەن.

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى ئۇ ھوقۇق ئىگىلىگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئاسىيا زىيارىتى بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، شاڭخەي شەھىرىگە بېرىپ خىتاينىڭ سودا ساھەسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

بەزى تەنقىدچىلەر ساركوزىي ئەپەندى بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە، خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ۋە ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىش جەھەتتە خىتايغا كۆپرەك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى دەپ قاراشماقتا.

ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي ئەپەندىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن مىنىستىرلار ئىچىدە فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى يوق ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ساركوزىي ئەپەندى بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا كېلىشىمگە تىككەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان ھۆكۈمەت زىياپىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىشى ھەققىدە توختالغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مەسىلىسىدە كۆپ توختالمىغان. (جۈمە‏)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت