خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شوتلاندىيىدىكى G8 لەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ


2005.06.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 7 - ئايدا ئەنگىلىيىنىڭ شوتلاندىيە ئۆلكىسىدىكى G-8 لەر، دەپ ئاتالغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى خىتايلار ياپونىيىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇش ئارزۇسىغا قارشى چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر كرىزىسىكە پېتىپ قالدى.

سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى 7 ۋە 8 - ئىيۇللاردا باشلىنىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، 30 - ئىيۇندىن 7 - ئىيۇلغىچە رۇسىيە ۋە قازاقىستانلارنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

ليۇ جيەنچاۋ، خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە بىلەن قازاقىساتدىكى زىيارىتى " ئۆز ئارا سىياسى ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ماسلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش" نى مەقسەت قىلىدۇ، كۆرسەتتى. ليۇ جيەنچاۋنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار سىياسى داكومېنت ۋە بىر قاتار كېلىشىملارغا ئىمزا قويىدىكەن. بۇ مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان رايونىدا يۈز بەرگەن ئىسياندىن كېيىن چاقىرىلغان تۇنجى باشلىقلار يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت