گېرمانىيە باش مىنىستىرى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2007-08-27
Share

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە باش مىنستىرى ئانجىلا مېركەل، دۈشەنبە كۈنى، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنسىتىرى ۋىن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشكىنىدە، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى خەلقئارا سودا ۋە تەرەققىيات قائىدە-قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدا، سۆھبەت تېمىسىنى ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتسادىي مۇناسىىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە باش مىنستىرى كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىگەن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركەل، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنستىرى ۋىن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا " خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم ھەمدە كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ھارپىسىدا، دۇنيانىڭ خىتاينى تېخىمۇ يېقىندىن كۈزىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتىم" دېدى.

يېقىندىن بېرى، ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئۇلار بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ھارپىسىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە قارىتا ،خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت