مېركېل، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە


2007.08.30

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ، خىتايغا قاراتقان زىيارىتى داۋاملاشماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە، ئالدىنقى زىيارىتىنىڭ ئەكسىچە، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدىكى پوزىتسىيىسى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەردە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ شۇنداقلا ، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە قىلغان سۆزىدە، خەلققە ئەركىنلىك بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر خىتاي مۇخبىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى، 2008‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقان خەلقئارا جامائەتنىڭ، بولۇپمۇ گېرمانىيە مەتبۇئاتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.