گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى خىتاي پۇقراسى تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدى
2004.10.11
پاكىستان چېگرا رايونىدىكى قوراللىق مىلىتانلار گۆرۈگە ئالغان ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ بىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى توشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۆرۈگە ئالغۇچىلار دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى يەرلىك ۋاقىت 12 گىچە ئۇلار يوشۇرۇنغان جايلارنى قامال قىلىشنى توختاتمىسا، بۇ ئىككى خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھەمدە كېيىن بۇ ۋاقىتنى يەنە 4 سائەت كەينىگە كېچىكتۈرگەن ئىدى.
پاكىستان مىلىتانلىرى ئۆزلىرىگە بومبا تېڭىپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلار بىلەن تەڭ بىر ئۆيگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بۇ ئۆينى قورشىۋالغان. گەرچە يەرلىك قەبىلە باشلىغى مىلىتانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت نەتىجىلىك ئاياقلاشمىدى.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، گۆرۈگە ئالغۇچىلار يەنە، پاكىستاندىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى نەپەر ئەل- قەئىدە تەشكىلاتى ئەزاسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي پۇقراسىنى قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىككى ئىنژېنېرى گۆرۈگە ئېلىندى
- پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
- مۇشەررەپ غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى
- پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى ئەل قايدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمىنى ئۆلتۈردى
- شامىل باسايېف ، بېسلان پاجىئەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى