پاكىستان پىدائىيلىرى گۆرۈگە ئېلىۋالغان خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ بىرى ئۆلدى
2004.10.14
پاكىستان ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، بەش نەپەر پاكىستان پىدائىيلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گۆرۈگە ئېلىنغان خىتايلارنىڭ بىرى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە ئوق تىگىپ ئۆلگەن ، يەنە بىرى قۇتقۇزىۋېلىنغان. مەزكۈر ئىككى خىتاي پۇقراسى بىلەن بىرلىكتە گۆرۈگە ئېلىنغان بىر پاكسىتانلىقمۇ ئامان - ئىسەن قۇتۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى گۆرۈگە ئېلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىپلىدى ھەمدە ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي پۇقراسىغا تەزىيە بىلدۈردى. بۇ ئىككى خىتاي پۇقراسى پاكسىتاندىكى توسما قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ئىنژېنېرلار ئىدى. ئۇلار ئابدۇللا مەسئۇدنىڭ قول ئاستىدىكى پاكسىتان پىدائىيلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن شەنبە كۈنى گۆرۈگە ئېلىنغان. ئابدۇللا مەسئۇد ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۈەنتانامو بازىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، كىيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان پىدائىلىرى گۆرۈگە ئالغان خىتاي پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى
- پاكىستان قەبىلە باشلىقلىرى مۇسۇلمان پىدائىلارنى خىتاي پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىدى
- گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى خىتاي پۇقراسى تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدى
- خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىككى ئىنژېنېرى گۆرۈگە ئېلىندى
- پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
- مۇشەررەپ غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى
- پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى ئەل قايدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمىنى ئۆلتۈردى
- شامىل باسايېف ، بېسلان پاجىئەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى