ئامېرىكا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى گۈەنتانامونى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى


2005.10.31

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ ئۈچ نەپەر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى، ئامېرىكىنىڭ كۇبانىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش بازىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ مۇتەخەسىسلىرىنى بۇ تەكلىبنى قارشى ئالغان. ئەمما ئۇلار تەكشۈرۈش ۋاقتىغا ئاران بىر كۈن بېرىلگەنلىكى ۋە مەھبۇسلارنى خالىي زىيارەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىلمىگەنلىكتىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەھبۇسلار بىلەن ئايرىم ئۇچراشماسلىق ھەققىدىكى شەرتنى رەت قىلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ، ب د ت گۈەنتانامودىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنى تەكشۈرۈش ئىلتىماسى سۇنۇپ، تۆت يىلدىن كېيىن بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇتۇلغان مەھبۇسلارنى گۈەنتانامودا كىسىمسىز تۇتۇپ تۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن. گۈەنتانامو بازىسىدا ھەتتا يىگىرمە نەچچە مەھبۇسنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشى بويىچە خورلۇق ۋە قەبىھ مۇئامىلىلەرگە قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا دائىرىلىرى، مەھبۇسلارنىڭ ئىنسانلارچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىدا چىڭ تۇرغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسلىرى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى گۈەنتانامو تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەكلىپىنى قارشى ئالدى، ئەمما بۇنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ مەھبۇسلار بىلەن خالىي ئۇچرۇشۇشقا كاپالەت قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.