گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا


2006.04.20

گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئەھۋالى يەنىلا خەتەر ئاستىدا بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گۇەنتانامىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەب قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، چارشەنبە كۈنى گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 558 نەپەر تۇتقۇننىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئېلان قىلىنغان تىزىملىك ئىچىدە ئابدۇل رازاق، ئەخمەد ئادىل، ئەركىن ماخمۇد قاتارلىق 22 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنىمۇ بولۇپ، مەزكۈر مەھبۇسلار 4 يىلدىن بېرى بۇ تۈرمىگە قامالغان.

گەرچە ئامېرىكا دائىرىلىرى، 22 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى قايتۇرماسلىقنى قارار قىلىپ، بىر قانچە دۆلەتلەردىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۆز پاناھىغا ئالمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك يوللاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك ئويۇنلىرى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.

بۇ قېتىمقى زىيارەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، خۇ جىنتاۋ ئارقىلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قايتۇرماسلىق مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.