ئامېرىكا گۇەنتانامودىكى قائىدە-تۈزۈملەرنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2006.06.12

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دائىرىلىرى، گۇەنتانامۇ تۈرمىسىدىكى ئۈچ مەھبۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، گۇەنتانامودىكى قائىدە-تۈزۈملەرنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن مەھبۇسلارغا ئامېرىكا سوتلىرىغا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار شۇنداقلا پرېزىدېنت جۇرج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل دوختۇر ۋە تىببىي خادىملارنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە بېرىپ، مەھبۇسلارنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى برايىن ۋىتمان ۋاشنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈچ مەھبۇسنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، تۈرمىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇقتىن چىققانلىقى دېگەنلىك ئەمەس، بۇ تۈرمە قائىدە- تۈزۈملەرگە ئاساسەن باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئەتراپلىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالغان ئۈچ مەھبۇسنىڭ مانى شارمان تۇركى ئەلخەبەردى ئەل ئۇتەيبى ۋە ياسىر تالال ئەلزاھرانى ئىسىملىك ئىككى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ۋە ئەلى ئابدۇللا ئەخمەت ئىسىملىك بىر يەمەن پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.