خىتاي ئامېرىكىدىن گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىن گاڭ بۇ سۆزلەرنى تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەلدىكى مەخپىي تۈرمىلىرىگە دائىر سۆزىگە باھا بەرگەندە تەكىتلىگەن. ئۇ، " جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قۇرغان مەخپىي تۈرمىلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەپ قويدى " دەيدۇ.

پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەركىز ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەلدە مەخپىي تۇرمە قۇرغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى. بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 14 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك گۇمانلىق تېررورچى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ مەخپىي تۈرمىلىرىدىن گۈەنتاناموغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ كېلەر يىلى سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايدا تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى "خاتا يەردە خاتا ۋاقىتتا تۇرۇپ قالغان" كىشىلەر، دەپ جاكارلىدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا تۇنجى قېتىم بايانات ئېلان قىلىشى ئەمەس. (ئەركىن)