ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكى گۈئەنتانامونى زىيارەت قىلىشنى رەت قىلدى

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئۆمىكى گۈئەنتانامودىكى مەھبۇسلار ‎بىلەن ئەركىن ئۇچرىشىشقا يول قويۇلمىغىچە، گۈئەنتانامودىكى مەھبۇسلار بازىسىدا ‎تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى مانفرېد نوۋاك، ئەگەر ‎مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولمىسا، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى بولمايدۇ، ‎دەپ تەكىتلىگەن. ‎

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ گۈئەنتانامودا ‎تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ئامېرىكا ھەربىي ‎دائىرىلىرى، قىزىل كرېست جەمئىيىتىلا گۈئەنتەنامودىكى گۇمانلىق تېرورچىلارنى زىيارەت قىلىشقا ‎ھوقۇقلۇق، دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ كىشىلەر قوراللىق توقۇنۇش جەريانىدا ‎ئەسىرگە ئېلىنغان. ‎

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆتكەن ھەپتە ب د ت تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى بازىدا ‎تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ‎ئەسكەرتىشىچە، ب د ت خادىملىرىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش، ئامېرىكىنىڭ ‎‎"يوشۇرىدىغان نەرسە يوق ئىكەنلىكىنى" نى بىلدۈرۈش ئىكەن. ‎

گۈئەنتانامو بازىسىدا ھازىر 500 دىن ئارتۇق مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ‎ئافغانىستاندا ئەسىرگە ئېلىنغان. ئىگىللىشىمىزچە، تۇتقۇنلار ئىچىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار بىر ‎قانچە ئاينىڭ ئالدىدا بازا سىرتىدىكى بىر قەدەر ئەركىن رايونغا يۆتكىۋېتىلگەن. (ئەركىن)‎