گۇەنتانامودىن يەنە بىر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ئۇيغۇر ياش سادىق ئەخمەت تۈركىستاننى، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتىۋەتتى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنى گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 14 مەھبۇس سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇلار ئىچىدە سەئۇدىي ئەرەبىستان پۇقراسى ئۇيغۇر ياش سادىق ئەخمەت تۈركىستانىمۇ بار ئىكەن.

سادىق ئەخمەت تۈركىستانىنىڭ ئادۋوكاتلىرى، ئۇنىڭ 18 ئاي بۇرۇن ھەربىي سوت تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن ئاي گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بەشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا،سادىق ئەخمەت تۈركىستانىنى ئافغانىستاندا تالىبانلار، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوسما بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان ئىكەن.

ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن، سادىق ئەخمەت تۈركىستانى، ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە تاشلانغان. گۈئەنتانامودىكى سوراق جەريانىدا،سادىق ئەخمەت تۈركىستانىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى بايقىلىپ، ھەربىي سوت 2005‏- يىلى يانىۋار ئىيىدا ئۇنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. (قانات)