مەككىدە يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈش ھادىسىسىدە ئاز دېگەندە 23 ئادەم قازا قىلغان

5 ‏- يانۋار كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە بىر مېھمانخانىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 23 ئادەم قازا قىلغان.

رويترېئىس ئاگېنتلىقىنىڭ مەككە شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمان ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككە شەھىرىگە يىغىلغان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە يەنە ئاز دېگەندە 39 كىشى يارىلانغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ماكانى ھېسابلانغان مەككە شەھىرىگە ھازىرغىچە ھەج قىلىش ئۈچۈن بىر مىليون مۇسۇلمان يىغىلغان بولۇپ، سەئۇدى ھەج ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنىگىچە يەنى ھەج پائالىيىتى باشلانغۇچە مەزكۇر شەھەرگە ئىككى يېرىم مىليون مۇسۇلمان كېلىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مىھمانخانا مەككە شەھىرىنىڭ تار ۋە ئاۋات كوچىلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان بولۇپ ۋەقە يۈز بەرگىنىدە مېھمانخانىدا 39 كىشى بار ئىكەن.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە مەككە شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان.

يېقىنقى يىللاردا ھەج مەزگىلىدە ئوت كېتىش، بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق نۇرغۇن ھادىسىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، 2004 ‏- يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەدە 250 كىشى ئۆلگەن ئىدى. (ئەقىدە)