مۇسۇلمانلار يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان ھەج پائالىيىتىنى بۈگۈن باشلىدى
2006.12.28
ئىسلام دىنىنىڭ 5 پەرىزىنىڭ بىرى بولغان ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە يىغىلغان 3 مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان، بۈگۈن مەككە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەج قىلىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەردىكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى كۈچەيتىلدى.
سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلار، ھەج قىلىش جەريانىدا ئادەملەرنىڭ دەسسىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان، ئىلگىرى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ھەج پائالىيىتىدە نەچچە يۈزلىگەن ئادەم قازا قىلغان ئىدى.
مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىنى تەسۋىرلىشىچە، ھەج قىلىشقا قاتناشقان ئادەملەر ئىنتايىن ھاياجانلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغا زار ئىچىدە ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھغا بولغان ئېتىقادىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىن كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن 4 نەپىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەت داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، قازا قىلغانلار ئىچىدە ئوسمان سۇلتان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بار ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەر يىلى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان ھەج ئۆمەكلىرىگە قېتىلالماي، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھاجىلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالاپ كەلمەكتە. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل، ھەتتا سەئۇدىغا يېتىپ بارغان 200 يېقىن ئۇيغۇرنى، ھەج پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، تۈرلۈك تەھدىتلەر بىلەن قورقۇتۇپ، ئۇيغۇر ئېلىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتكەن. (ئەقىدە)