شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى
2006.04.26
چارشەنبە كۈنىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلار يىغىنىدا رەھبەرلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەر يىلى تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مىنىستىرلار باياناتىدا 2007- يىلى رۇسىيىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىنىستىرلار بىرلەشمە باياناتىدا يەنە، نۆۋەتتە تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشى، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوخشاش يېڭى رىقابەت ۋە تەھدىتلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئاپپاراتىغا ئايلىنىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئاساس قىلغان بىر ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپ مەقسىدى، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىگە تاقابىل تۇرۇش. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېيجىڭدا يىغىن ئاچماقچى
- ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە
- خىتاي ئامېرىكا بازىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا قىرغىزىستانغا بېسىم ئىشلەتكەن
- كوندالىزا رايىس، ش ھ ت نىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلدى