ھىندىستاندىكى پارتلاش


2005.10.30

ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 60 ئەتراپىدا بولغان، 200 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان ئىدى. بۇ تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدىن قىينىلىۋاتقان ھىندىستان ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق زەربە بولۇپ ھېسابلانغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ۋەقەدىن كېيىن ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. يېڭى دېھلىدىكى بارلىق بازارلار تاقىۋېتىلگەن. كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقماسلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ساقچىلار مۇھىم بىنا ۋە نۇقتىلارنى قامال قىلغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى تاكى ھازىرغىچە ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى ئېنىقلاپ چىقالمىغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن گۇمانلىق ئادەملەرنى قولغا ئېلىپ تەكشۈرمەكتە. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى كەشمىر مۇستەقىلچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىكەن.

ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ھىندىستان-پاكىستان سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسەتكەن. پاكىستان تەرەپمۇ بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، بۇ تېررورلۇقنى قەتئىي ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەر تەۋرەش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان ۋە پاكىستان سۆزلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر چېگرىسىنى ئېچىۋەتكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.