ھىندىستان سانائەت ئىشلىرى ئەمەلدارى ھىندىستاننىڭ سانائەتلىشىشتە خىتاينى دورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈنى ھىندىستان سانائەت ئىشلىرى ئەمەلدارى جائىرام رامەش "ھىندىستان خىتاي ئەمەس، ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ سانائەتلىشىش مودېلىنى دورىمايدۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر يۈرۈش مۇۋاپىق تەرەققىيات مودېلىنى تېپىشىمىز لازىم" دېگەن.
رامەشنىڭ بۇ سۆزلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، چۈنكى، بىر قىسىم ھىندىستان مۇتەخەسسىسلىرى ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ نوپۇس ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بىر قىسىم ئوخشاشلىقلىرىغا قاراپ تۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە سانائەت تەرەققىيات ئۇسۇلىدىن ئۈلگە ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال شىتاتىدا كوممۇنىستلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ شىتاتى 70-80-يىللاردا يەر ئىسلاھاتى بولغان بولسا، 90-يىللاردىن كېيىن سانائەتلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى باشلىنىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
مۇشۇ بىر قانچە شىتاتلاردا كوممۇنىست قوراللىق پارتىزانلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمى كېلىپ چىققان. بۇ قېتىم مەزكۇر غەربىي بېنگال شىتاتى ھۆكۈمىتى بىر ئىقتىسادىي ئىسلاھات رايونى يەنى سانائەت بازىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يەرلىكنى مەجبۇرى ئالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
ھىندىستان سانائەت ئەمەلدارى سۆزىدە ھىندىستاننىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىسىدىكى "قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەش" روھى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنى مەجبۇرى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىندىستاندىن پاكىستانغا كېتىۋاتقان پويىز پارتلاپ 60 نەچچە كىشى ئۆلدى
- ھىندىستان-خىتاي چېگرا سۆھبىتى يەنە باشلاندى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتىدىن بۇرۇنقى قەلەم ئۇرۇشى
- ھىندىستان خىتاي شىركىتىنىڭ مۇمبايدىكى پورت ياساش پروگراممىسىغا قاتنىشىشىنى رەت قىلدى
- بومبايدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 گە يەتتى